لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بۇدژيت — "Budget" (بۇدژيت) دېگەن سۆز مالىيە پىلانىنى ياكى مەلۇم بىر ۋاقىت ئىچىدە كىرىم-چىقىمنى باشقۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلگەن پىلاننى كۆ
- بۇدۇ نابۇد — بارى - يوق ، بار ئىكەن ، يوق ئىكەن؛
- بۇدۇق — ئەخمەق ، ساراڭ؛
- بۇراق — رىۋايەتتىكى ئۇچار ئات ، تۇلپار؛ ( رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە، مۇھەممەت پەيغەمبەر مىنگەن بىر ئات)؛
- بۇراقماق — تاشلىماق ، تەرك ئەتمەك ؛
- بۇرالقى — ئىشكمۇ-ئىشىك دوقۇرۇپ يۈرگۈچى؛ تېجىمەل.
- بۇرانچەك — بۇرۇنچەك؛
- بۇرانغار/بۇرانغۇ — ئۇرۇش سېپىدىكى قوشۇننىڭ ئوڭ قانىتى ، ئوڭ قانات قىسىم؛
- بۇرەندە — موزدۇزلارنىڭ تېرە، چەمنى كېسىدىغان ئەگمەچ تىغى
- بۇرتاق — يورتاغ؛
- بۇرج — ؛1) قەدىمقى ئاسمانشۇناسلىق چۈشەنچەسى بويىچە ، قۇياشنىڭ يىللىق ھەرىكەت دائىرەسىدىكى ئون ئىككى نۇقتىنىڭ ھەربىرى بۇلۇپ بۇلا
- بۇرجلۇغ — بۇرچلۇغ؛
- بۇرجۇ بارۇ — قەلئەنىڭ مۇنار ۋە سېپىللىرى؛
- بۇرچ — ؛1) مۇچ ؛ 2) قەرز؛ [بۇرچقا ئالماق --- قەرزگە ئالماق]؛ [بۇرچقا بەرمەك --- قەرزگە بەرمەك]؛
- بۇرچ خەرجى — تۆلەنمىگەن باج؛
- بۇرچلۇغ — قەرزگە ئېلىنغان پۇل؛
- بۇرچىن — چىشى ئۆردەك؛ ئۇچار قانات،ھايۋانات تۈرى؛
- بۇرد بار — تاقەتلىك ، سەۋرلىك ، چىداملىق؛
- بۇرد بارلىغ — چىدام ، سەۋر-تاقەت ؛ ئېغىر - بېسىقلىق؛
- بۇردا — پارچە؛ توغرام
- بۇردا بولماق — ئالدانماق؛ ئالدام خالتىغا چۇشمەك.
- بۇرداچى — بۇزغۇنچى؛
- بۇردە — ئەرەبلەرنىڭ ئۈستىدىن قاپلاپ كىيىدىغان بىر خىل يەڭسىز چاپىنى،يوپۇق؛
- بۇرران — ئۆتكۈر ، كەسكۈر ، ئىتتىك؛