لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بوختاماق — ۋارقىرىماق ، جارقىرىماق ؛ تىللىماق ، قاغىماق؛
- بوخساماق — نالە قىلماق ، دات - پەرياد دېمەك ؛ سىقىلماق ، بوغۇلماق ؛ ئېزىلمەك ، قىينالماق؛
- بوخىمىيە — بو خىمىيە (Bo chemistry) بىئولوگىيە ۋە خىمىيە پەنلىرىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدا يەر ئالىپ، جانلىقلارنىڭ ھاياتىي جەريانلىرىنى
- بودۇن — خەلق؛ ئادەم؛
- بودى - بودەي — ئۇيغۇرلاردا كونا بىر قوشاق؛
- بوراقى بەرق — چاقماق ئېتى ؛ چاپقۇر ئات ، دۇلدۇل؛
- بوران — توفان/بوران-- شامالنىڭ كۈچلۈك شەكلى بولۇپ، يامغۇر، قار يامغۇرى قاتارلىق ئاسمان ھاۋا پەرنىلىرى بىلەن بىرگە كېلىشى مۇمكىن.
- بورتاغ/بورتاق — ئوڭ - دوڭغۇل ، ئېگىز - پەس ، تەكشى ئەمەس؛
- بورتاغلىق — ئويدۆڭ - چوڭقۇرلۇق ، تەكشىسىزلىك ، ئوڭغۇل - دوڭغۇللۇق؛
- بورچىن — چىشى كىيىك؛ ھايۋانات تۈرى؛
- بورداماق — سەمرىمەك؛
- بوررا — ئۆتكۈر.
- بورسۇ — بوغۇز ، يەم - خەشەك؛
- بورسۇق — بورسۇق ئاغمىخان ئائىلەسىدىكى ئەڭ چوڭ ھايۋان بولۇپ، چوڭلۇقى ئادەتتە تۈلكەچىلىك كېلىدۇ، تېنى چوڭ، بېشى يوغان، قۇلىقى كىچىك
- بورنا — بەرنا؛
- بورۇق — ئاتنىڭ رەڭگى.
- بوريا — بورا ؛ باداڭ؛ قۇمۇشتىن توقۇلغان بور؛
- بورياباق — بورا توقۇغۇچى؛
- بوز — ماتا؛ خام؛
- بوزا — قوناق، تېرىق قاتارلىق ئاشلىقتىن ئېچىىتلىپ ياسالغان ئىچىملىك.
- بوزچى — ماتا توقۇغۇچى؛
- بوزلاماق/ بوزناماق — تۆگىدەك ۋارقىراپ يىغلىماق ؛ نالە قىلماق ، داد - پەرياد قىلماق؛
- بوزلىماق — تۆگەنىڭ ۋاقىرىشى.
- بوس/ بوسە — ئۆپۈش ، سۆيۈش؛ [پايبوس --- ئاياق ئۆپۈش،پۇتنى سۆيۈش؛ ئىتائەت قىلىش]؛ [دەستبوس --- قولنى سۆيۈش ؛ ھۆرمەت ، تەزىم]؛