لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- باتنىماق — قېيدىماق، خۇيلانماق؛
- باتۇق — ئېغىر ؛ زور ؛ مۇھىم ؛ مۈشكۈل ؛ پېتىق ؛
- باتىل — يالغان،قۇرۇق گەپ، پىتنە؛
- باتىن — ئىچ، ئىچكى ،كۆڭۈل؛ روھ؛ ئىچكى تۇيغۇ؛ [ باتىن ئەئما -- بىلىمسىز ،ساۋاتسىز ، كالۋا]؛
- باتىنەن — ئىچىدىن،ئىچكى تەرەپتىن؛
- باتىنىي/ باتىنىييە — ئىچكى ، يوشۇرۇن؛
- باتياق — كەڭ ، پايانسىز ؛ مول ، مەمۇر؛
- باج — قەدىمقى زاماندا كاتتا پادىشاھلار ئۆز ھامىيلىقىدىكى كىچىك مەملىكەتلەردىن ئالىدىغان سېلىق؛
- باجگىر — باج يىققۇچى؛ باجخانا خادىمى
- باجۇد — مەرھەمەتلىك ، سېخى؛ [ۋۇجۇدباجۇد -- سېخى ئادەم ،مەرھەمەتلىك شەخس]؛
- باجىن — بېيجىڭ شەھەرى؛
- باچ — Batch(ئىسىم/پېئىل)--ئىسىم شەكلىدە بىر قېتىمدا ئىشلەنگەن، ئىشلەپچىقىرىلغان ياكى بىر قېتىمدا بىر ئورۇندا يېتىلىپ كەلگەن نە
- باچكا — كەپتەر بالاسى ، كەپتەر باچكىسى؛
- باخەبەر — خەۋەردار ، بىلگەن؛
- باخسۇم — بۇغداي ياكى تېرىق ئۇنىدا قىلىنىدىغان بوزىغا ئوخشاش ئىچىملىك؛ تېرىق ياكى قوناق ئۇنىدىن قىلىنغان توقاچ؛
- باخشى — دەپتەر تۇتقۇچى، كاتىپ ؛ تېۋىپ ؛ كاتتا زىيالى ، ئوردا مۇئەللىمى،دوكتور؛
- باخۇسۇس — خۇسۇسەن ، بولۇپمۇ؛
- باخىرەد — ئەقىللىق ، دانا؛
- باد ئاۋەرد — شامال ئۇچۇرۇپ كەلگەن؛ ئۆزلۈكىدىن كەلگەن ، ئەمگەكسىز قولغا كەلگەن]؛ [گەنجى باد ئاۋەرد -- شامال ئۇچۇرۇپ كەلگەن خەزىنە]؛
- باد پەيما/ باد پەيماي — چاپقۇر ئات ، يۈگۈرۈك ئات ؛ بىھۇدە ئىشلار كەينىدىن چېپىپ يۈرگۈچى، ھاماقەت؛
- باد مۇخالىپ — تەتۈر چىققان شامال؛مۇخالىپ تەتۈر؛ قارشى.
- بادائى — ئىچكىلىك.
- باداڭ — بورا بىلەن ياسالغان گۈمبەز شەكىللىك ئاددى ئاشلىق ئامبارى؛ تېگى چاسا، ئاغزى يۇمىلاق چوڭ سېۋەت.
- بادام — بادام بىر خىل يەمىش بولۇپ، Prunus dulcis دەرەخىنىڭ مېۋىسىدىن ئېلىنىدۇ. ئۇ تاشقى قىسمى قاتتىق، ئىچىدە يېيىلىدىغان يادروسى