لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بالەتافەت — گۈزەل ، لاتاپەتلىك؛
- بالچاق — قىلىچ دەستىسى ، قىلىچ سېپى؛
- بالچىق — لاي؛ پاتقاق؛
- بالداغلاماق — ؛(قىلىچنى ) دەستىسىدىن تۇتماق ، قولغا ئالماق؛
- بالداق — دەستە ، قىلىچ دەستىسى ، ساپ؛
- بالدۇر — بىلەزۈك ؛ كويزا ، قول ئىشكىلى؛
- بالغاماق — قازماق ، كولىماق؛ ئاختۇرماق؛
- بالقىماق — تاشماق ؛ (ئوت ) يانماق ؛ پارلىماق ، ۋالىلدىماق؛
- بالكون — كۆپ قەۋەتلىك بىنالارنىڭ 2-ۋە ئۇنىڭدىن يۇقارى قەۋەتلىرىدە بىنا سىرتىغا ئۇلاپ سېلىنغان سالاسۇنلۇق سۇپا.
- بالۇپەر — قانات ۋە پەي؛ كۈچ - قۇدرەت ، قابىلىيەت؛
- بالىچاق — بىر خىل بۆك؛
- بالىخ — ئەقىلغە تولغان؛ تولۇقلانغان؛ يەتكەن.
- بالىدە — ئۆسكەن،ئۈنۈپ چىققان،چوڭ بولغان،زورايغان؛
- بالىش — ئالتۇن - كۈمۈشلەرنىڭ ئېغىرلىق مىقدار بىرلىكى؛
- بالىشت — ياستۇق؛ [گىرد بالىشت -- چۆرىسىگە رېشىلىيە ئىشلەنگەن يۇمىلاق ياستۇق]؛
- بالىغ — ؛1)بالاغەتكە يەتكەن ، يىگىتىلىك دەۋرىگە يەتكەن؛ بويىغا يەتكەن؛[بالىغ بولماق -- بالاغەتكە يەتمەك]؛ 2) بېلىق؛
- بالىق — ؛1) بېلىق؛ 2)شەھەر؛ ( كونا ئۇيغۇر تىلىدا شەھەر مەناسىدە)؛
- بالىمان — تارىلىق چالغۇ ئەسۋاب؛ مۇزىكا چالغۇ ئەسۋاب تۈرى؛
- بالىن — ؛1) ياستۇق؛ باش تەرەپ؛ 2) ئوت ئۇچقۇنى؛
- بام — ئۆگزە
- بام — تام ، ئۆي تېمى ؛ ئۆگزە، تورۇس؛
- بامداد — تاڭ سەھەر ، ئەتىگەن؛
- بامدادان — تاڭ سەھەردە ، ئەتىگەندە ، تاڭ بىلەن تەڭ؛
- بانان — مىۋە تۈرى؛