لۇغەتنى كۆرۈش: ئە
- ئەھسەن — ئەڭ ياخشى ، ئەڭ گۈزەل؛
- ئەھسەنتە — ياخشى قىلدىڭ ، يارايسەن ، ئاپىرىن !
- ئەھسەنۇل قىسەس — قىسسەلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى. ئەھسەنۇل قىسەس؛
- ئەھشا — ھايۋاننىڭ ئىچكى ئەزالىرى ، ھايۋاننىڭ ئۈچەي - باغرىلىرى .
- ئەھشام — ؛«ھەشەم»نىڭ كۆپلۈكى : خادىملار ، خىزمەتكارلار ، قارا خىزمەتچىلەر؛
- ئەھفاد — ؛«ھەفىد»نىڭ كۆپلۈكى : نەۋرىلەر ؛ ئەۋلاد؛
- ئەھكام — ؛«ھۆكم»نىڭ كۆپلۈكى: ھۆكۈملەر ، بۇيرۇقلار ، پەرمانلار،كۆرسەتمەلەر؛ قانۇنلار ، قائىدىلەر؛[نۇجۇم ئەھكامى -- يۇلتۇزلار ھەرىك
- ئەھل — بىرەر كەسىپ، بىرەر تەبىقە ياكى بىرەر جايغا مەنسۇپ كىشى؛ بىرەر ئىش ياكى كەسىپنىڭ ئىگەسى، ماھىرى؛
- ئەھلەن — خۇش كېلىپسىز؛ [ئەھلەن ۋەسەھلەن ۋە مەرھەبان -- قىزغىن قارشى ئالىمىز]؛
- ئەھلى ئەخبار — رىۋايەتچى؛ مۇخبىرلار؛
- ئەھلى ئەدەم — يوقالغان، نابۇد بولغان؛
- ئەھلى ئەنا — مۇشەققەتتە قالغانلار ، جاپاكەشلەر؛
- ئەھلى ئەييام — زامان كىشىلىرى؛
- ئەھلى ئوبۇر — كەزگۈچىلەر ، ساياھەتچىلەر ؛ ئۆتكۈنچىلەر؛
- ئەھلى ئۇسۇل — دىنىي ئىلىملار ئاساسلىرىنى تەتقىق قىلغۇچى ئالىملار؛
- ئەھلى ئۇقۇل — ئەقىل ئىگىلىرى؛
- ئەھلى ئىدراك — ئىدراكلىق كىشىلەر ، ئىدراك قىلغۇچىلار؛
- ئەھلى ئىرادەت — مۇرىدلار ، مۇخلىسلار؛
- ئەھلى باتىن — يوشۇرۇن سىرلارنى بىلگۈچىلەر، ئەۋلىيالار ،تەسەۋۋۇپچىلار؛
- ئەھلى بىنىش — كۆزى ئۆتكۈر كىشىلەر، زىيالىلار؛
- ئەھلى پەرخاش — جەڭچىلەر؛
- ئەھلى تەرەب — بەزمە ئەھلى ، خۇشچاقچاق كىشىلەر؛
- ئەھلى تەلەب — تىلەمچى ؛ تەلەپكار ، مەلۇم بىر تىلەك يولىدا يۈرگۈچى؛
- ئەھلى تەلەۋۋۇن — ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلار ، شامالغا قاراپ ئىش قىلىدىغانلار؛