لۇغەتنى كۆرۈش: ئە
- ئەنكەر — ئىنتايىن يېقىمسىز؛
- ئەنكەرۇل ئەسۋات — ئەڭ يېقىمسىز تاۋۇش؛
- ئەنكەل — گىرىپتار، باغلىنىپ قالغان ، بېرىلىپ كەتكەن ، ئاشىق؛
- ئەنگەبىن — ھەسەل ، بال؛
- ئەنگەل — توساق ، قاشا ؛
- ئەنگوشت — بارماق ، پۇت - قولنىڭ بارماقى؛
- ئەنگوشتنەما — بارماق بىلەن سانىلىدىغان ، ئاتاقلىق ، كۆزگە كۆرۈنگەن ،مەشھۇر؛
- ئەنگۇر — ئۈزۈم ؛ [دەرەختى ئەنگۇر -- ئۈزۈم تېلى ، ئۈزۈم غولى]؛ [نانۇ ئەنگۇر -- ئۈزۈم بىلەن نان]؛
- ئەنگۈشتەر — قولغا سالىدىغان ئۈزۈك؛ ئۈزۈك كۆزى
- ئەنگىز — قوزغىغۇچى ، تارقاتقۇچى، قۇتراتقۇچى؛ باشلاش ؛ قەست ، قۇترىتىش،قوزغاش؛ [ئەنگىز قىلماق، ئەنگىز ئەيلەمەك -- قوزغىماق ، تارقا
- ئەنمەچ — دەللال؛
- ئەنمەك — چۈشمەك ، تۆۋەنگە چۈشمەك؛ ھازىرقى تۈركچىدە inmek؛
- ئەنھى — خەۋەر ، مەلۇمات؛
- ئەنۈك — ياش شىر ، ياش يىرتقۇچ؛
- ئەنۋائ — ؛«نەۋئ»نىڭ كۆپلۈكى : تۈرلەر ، خىللار ، سورتلار؛ ھەر خىل ،خىلمۇخىل، ھەر تۈرلۈك؛
- ئەنۋار — ؛«نۇر»نىڭ كۆپلۈكى : نۇرلار؛
- ئەنۋارۇلھۇدا — توغرا يول نۇرلىرى ، ھىدايەت نۇرلىرى؛
- ئەنۋارى ھەقايىق — ھەقىقەت نۇرلىرى؛
- ئەنۋەر — ئەڭ نۇرلۇق ، قالتىس روشەن ، ئەڭ يورۇق؛
- ئەنىس — دوست ، يېقىن كىشى ، ئۈلپەت ، ئاشنا ؛ ھەمدەم ، ھەمدەرد ؛ يېقىملىق؛
- ئەنىسى ئەنجۇمەن — ئولتۇرۇش ئۈلپىتى؛
- ئەنىف — قوپال ، قاتتىق ، قوپال مۇئامىلىلىك ؛ جەبىر - زۇلۇم قىلغۇچى،ئەزگۈچى ؛ ئاداۋەت ساقلىغۇچى ، ئۆچەكەشكۈچى؛
- ئەنىكمەك — ئىڭرىماق ، قاخشىماق ؛ يىغلىماق؛
- ئەنىلدۇر — ناماز دىگەر مەزگىلى؛