لۇغەتنى كۆرۈش: ئە
- ئەنبە — ئىران ۋە ھىندىستاندا چىقىدىغان بىر خىل مېۋە؛
- ئەنبەر — ئەنبەر (بىر خىل قارا رەڭلىك خۇشبۇيلۇق. ئەدەبىياتتا يارنىڭ چېچى ،خالى ۋە قاشلىرى شۇنىڭغا ئوخشىتىلىدۇ)؛
- ئەنبەر ئالۇد/ ئەنبەرالۇد — ئەنبەر ئارىلاشتۇرۇلغان، تۇم قارا ۋە خۇشبۇي؛
- ئەنبەر بار — ئەنبەر ياغدۇرغۇچى، خۇشبۇي تارقاتقۇچى؛
- ئەنبەر بەز — ئەنبەرلىك ، ئەنبەر چېچىلغان ، خۇشبۇي ، خۇشپۇراق؛
- ئەنبەر سا/ئەنبەر ساي — ئەنبەرگە ئوخشاش؛
- ئەنبەر سىرىشت — ئەنبەرلىك ، ئەنبەرلەنگەن ، خۇشبۇي؛
- ئەنبەر شەمىم — ئەنبەر پۇراقلىق، خۇشبۇي؛
- ئەنبەر شەھىم — خۇشپۇراقلىق.
- ئەنبەرەفىشان — خۇشپۇراق چاچقۇچى؛ [ئەنبەرەفىشان ئەيلەمەك -- خۇشپۇراق چاچماق]؛
- ئەنبەردان — ئەنبەر سېلىنغان تۇمارچە بويۇنئاسقۇ؛
- ئەنبەرى سارا — ئەڭ ساپ ئەنبەر ، ئەڭ خۇشبۇي ئەنبەر؛
- ئەنبەرىن — ئەنبەرلەنگەن ، ئەنبەر چېچىلغان ، خۇشبۇي؛ [ئەنبەرىن تۈن -- يېقىملىق كېچە ، ئارامبەخش كېچە]؛ [ئەنبەرىن تەناب -- خۇشبۇي چاچ
- ئەنبۇھ — كۆپ ، نۇرغۇن ، چەكسىز ؛ توپلانغان ، دۆۋىلەنگەن؛ [ئەنبۇھ ئولماق -- كۆپەيمەك]؛
- ئەنبىيا/نەبى — پەيغەمبەر--دىنىي ئىنانچتا خۇدادىن ۋەھىي تاپقان، ئىنسانلارغا خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزىدىغان مۇقەددەس كىشى. ئىسلام دىنىدا مۇھ
- ئەنبىيائ — ؛«نەبى»نىڭ كۆپلۈكى : پەيغەمبەرلەر؛
- ئەنبىيائى مۇرسەلىن — كىتاب نازىل بولغان پەيغەمبەرلەر؛
- ئەنت — قىساس؛ ئۆچ ئىنتىقام.
- ئەنجام — ئاخىر ، تۈگەش ، ئاقىۋەت ، نەتىجە؛ [ئەنجام تاپماق -- ئاخىرىغا يەتمەك ، تامام بولماق،تۈگىمەك]؛
- ئەنجامۇ ئاغاز — باش - ئاخىر؛
- ئەنجۇم — ؛«نەجم»نىڭ كۆپلۈكى: يۇلتۇزلار؛ [ئەنجۇم قىياس -- يۇلتۇزلارغا ئوخشاش]؛ [ئەنجۇم گۇرۇھ -- ئادىمى يۇلتۇزدەك كۆپ]؛
- ئەنجۇمسان — يۇلتۇزغا ئوخشاش؛
- ئەنجۇمسىپاھ — ئەسكىرى يۇلتۇزدەك كۆپ؛ بىھېساب لەشكەر، زور قوماندان؛
- ئەنجۇمشۇناس — يۇلتۇزشۇناس ، ئاسمانشۇناس؛