لۇغەتنى كۆرۈش: ئە
- ئەلىل — ئىللەتلىك ، نۇقسانلىق ؛ كېسەل ، بىمار؛
- ئەلىم — ؛1) بىلگۈچى ، دانا ، ئالىم؛ 2)ئەلەملىك، ئەلەم قىلغۇچى؛ [ئەزابى ئەلىم -- قاتتىق ئازاب]؛
- ئەلىھەمدۇلىللا — خۇداغا شۇكرى.
- ئەلىي — مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كۈيۈ ئوغلى ۋە تۆتىنچى خەلىپە؛ [ زۇلفقارى ئەلىي -- ئەلىنىڭ زۇلپىقارى]؛
- ئەليەق — ئەڭ مۇناسىپ ، ئەڭ لايىق؛
- ئەم — داۋا شىپا.
- ئەم — داۋا ، ئىلاج ، شىپالىق؛ [ئەم ئوتى -- دورالىق ئوت ، دورا ئوت]؛
- ئەما — كۆزى كۆرمەيدىغان؛ قارغۇ؛ ئەما؛ كۆزى ئاجىز؛ كور؛
- ئەمادە — ئامادە. تەييار ، ھازىر؛
- ئەمارە — ئالامەت ، بەلگە؛
- ئەمارەت — ئەمىرلىك ، بەگلىك، مەنسەپدارلىق؛ ھۆكۈمرانلىق؛ [ئەمارەت سىيتى -- ئەمىرلىك ئاۋازى، ئەمىرلىك شۆھرىتى]؛
- ئەمارىي — تۆگە ياكى پىلگە ئارتىپ ئىچىدە ئادەم ئولتۇرىدىغان سۈكەن، كەجەۋە؛
- ئەماسىل — ؛«مىسىل» نىڭ كۆپلۈكى؛ مىساللار ، ئوخشاشلار؛
- ئەماڭ — ئەمەسسەن؛
- ئەمان — تىنچلىق ، بىخەتەرلىك؛ [ ئەمان ھىرزى -- ئامانلىق تۇمارى]؛
- ئەمان تىلەمەك — ئامانلىق تىلىمەك؛ قېنىدىن كېچىشنى تىلىمەك؛
- ئەمانەت — بىراۋغا ساقلاپ بېرىش ياكى ئىككىنچى بىر كىشىگە بېرىپ قويۇشقا ھاۋالە قىلىپ بېرىلگەن نەرسە؛ ساداقەت ، سەمىمىيلىك ، خىيانەتن
- ئەمانەتەن — ئامانەت ئۈچۈن؛ سەمىمىي ساداقەت بىلەن؛
- ئەمانەتدارلىغ — ئامانەت ساقلىغۇچىلىق؛
- ئەمەد — كېمىنىڭ تىك ياغىچى،ماچتا؛ تايانچ، تۈۋرۈك؛
- ئەمەل — 1)تاماشا قىلىش؛ 2)مەنسەپ؛ ھوقۇق،
- ئەمەل — ؛1) ئىش - ھەرىكەت، ئىجرا، مەنسەپ؛ [ئەمەل ئەھلى -- ئەمەلدار]؛ [ئەمەل ھىرسى --ئەمەلگە بېرىلىش]؛ [ ئەمەل مۇفلىسلىغى -- ياخش
- ئەمەلە — ؛1) ؛«ئامىل»نىڭ كۆپلۈكى : ئىش بېجىرگۈچىلەر ، ئىشچىلار ،ئەمگەكچىلەر؛ 2) ئىش، ئەمگەك ، پائالىيەت؛
- ئەمەلەمەك — ئەملەمەك؛