لۇغەتنى كۆرۈش: ئە
- ئەلەمكەش — بايراق كۆتۈرگۈچى ، بايراقدار؛
- ئەلەن — ئوچۇق ، ئاشكارا ، ئايان؛ [ئەلەن ئەتمەك -- ئاشكارا قىلماق ،ئاشكارىلىماق]؛
- ئەلەنەن — ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ، قىپيالىڭاچ ھالدا؛
- ئەلەنىي — ئوچۇق - ئاشكارىلىق ، يوشۇرماسلىق ؛ ئاشكارا ھالدا ، يوشۇرماستىن؛
- ئەلەۋىي — مۇقەددەس ، ئىلاھىيلىك ؛ ھەزرىتى ئەلى مەزھىپىگە مەنسۇپ ، شىئە مەزھىپىدىكىلەر؛ ھەزرىتى ئەلى نەسلىدىن بولغانلار ؛
- ئەلەيھا — ئۇنىڭغا (ئايال ) ؛
- ئەلەيھى — ئۇنىڭغا (ئەر ) ؛
- ئەلەيھىس سەلاۋات ۋەسسەلام — ئۇنىڭغا دۇئا ۋە ۋە سالام؛
- ئەلەيھىسسەلام — ئۇنىڭغا سالام؛
- ئەلەيھىم — ئۇلارغا ؛
- ئەلەيھىما — ئۇ ئىككىيلەنگە؛
- ئەلباس — ؛«لىباس»نىڭ كۆپلۈكى : كىيىملەر ، لىباسلار؛
- ئەلبۇرز — ئىراننىڭ مازەنداران ئۆلكىسىدىكى بىر تاغنىڭ ئىسمى؛
- ئەلبىسە — ؛«لىباس»نىڭ كۆپلۈكى : كىيىملەر ، لىباسلار ،ئۈستباشلار؛
- ئەلپاز — قىياپەت؛ تۇرۇق، كۆرۇنۈش،
- ئەلتاف — ؛«لۇتف»نىڭ كۆپلۈكى : مەرھەمەتلەر ، ياخشىلىقلار ، مۇلايىملىقلار ، ئىلتىپاتلار؛
- ئەلتەف — ئەڭ قىزىق ، ئەڭ خۇش ، ئەڭ ياخشى؛ ئەڭ مۇلايىم ، ئەڭ نازۇك؛
- ئەلتمەك/ئەلتماق — ئالىپ بارماق ، ئالىپ كەلمەك ؛ ئالماق؛
- ئەلتېرە — تۇغۇلۇپ ئېيىغا تولمىغان قوزىلارنىڭ تېرەسى
- ئەلچى
- ئەلچىخانا — Ambassador (ئەلچى) دېگەن سۆز بىر دەۋلەتنىڭ يەنە بىر دەۋلەتتە ياكى ئۇلۇسلارئاراسى تەشكىلاتتا ئۆزىنىڭ رەسمىي ۋەكىلى سۈپەتى
- ئەلچىلەشمەك — ئەلچى ئەۋەتىشمەك؛
- ئەلزەم — ئەڭ لازىم ، بەك زۆرۈر؛
- ئەلسىز — ئاھالە يوق ، ئاھالەسىز ، ئادەمسىز؛