لۇغەتنى كۆرۈش: ئە
- ئەدەمى تەئەييۇن — بىتايىنلىق ، قارارسىزلىق؛
- ئەدەن — يەمەندىكى مەرۋايىتىنىڭ ئېسىللىقى بىلەن مەشھۇر بولغان بىر ئارالنىڭ نامى. [دۇررى ئەدەن--ئەدەن مەرۋايىتى]؛
- ئەدەۋات — «ئەدات»نىڭ كۆپلۈكى : ئەسۋابلار ، سايمانلار؛
- ئەدد — سان ، ساناق ، ھېساب ؛ ھېسابلاش ، ساناش؛
- ئەددۇ ھەد — سان - ساناق ؛ چەك - چېگرا؛
- ئەدگۇ — ياخشى
- ئەدگۈ — ياخشى؛
- ئەدل — ئادالەت ، توغرىلىق ، ئىنساب؛
- ئەدلۇ داد — ئادالەت ۋە ئىنساب؛
- ئەدنا — ئەڭ پەس، ئەڭ تۆۋەن ، ئەرزىمەس؛ [ئەدنا مەقام--ئەڭ تۆۋەن ئورۇن]؛
- ئەدھەم — قارا ؛ قارا تورۇق ئات؛
- ئەدۇ — دۈشمەن؛ رەقىپ
- ئەدۇۋ — دۈشمەن، ياۋ؛ [ئەدۇۋ خەيلى--دۈشمەن گۇرۇھى،دۈشمەن كىشىلىرى]؛
- ئەدۇۋ بەند — دۈشمەننى ئەسىر ئالغۇچى؛
- ئەدۇۋۋەش — دۈشمەنگە ئوخشاش ، دۈشمەن تەبىئەتلىك؛
- ئەدۋار — ؛1) «دەۋر»نىڭ كۆپلۈكى : دەۋرلەر ، زامانلار ، ئەسىرلەر؛ئايلىنىشلار ، دائىرىلەر؛ 2) مۇزىكا ئىلمى ، كىلاسسىك مۇزىكانىڭ كونا
- ئەدۋىيە — ؛«دەۋائ»نىڭ كۆپلۈكى: دورىلار ، دورا - دەرمان؛
- ئەدىب — تەربىيەچى ، مۇئەللىم؛ ئەدەبىياتچى ، ئەدىب؛
- ئەدىدە — بىردىن ئارتۇق ، بىرقانچە ، بىرنەچچە ؛
- ئەدىز — ؛(1) ئېگىز ، يۈكسەك؛ (2)چۆل؛جەزىرە؛
- ئەدىزلىك — ئېگىزلىك ، بۈيۈكلۈك؛
- ئەدىش — قاچا ، لوڭقا؛
- ئەدىل — ؛(1) تەڭ باراۋەر ، ئوخشاش باھادىكى ، تەڭ مىقداردىكى ؛ ئوخشاش ، مەناداش ؛ ئادالەتلىك؛ (2) ئىدىل دەرياسى ، ۋولگا؛
- ئەدىلچە — ئېقىن ،ئۆستەڭ؛