لۇغەتنى كۆرۈش: ئا
- ئاھالە
- ئاھانەت — بىراۋغاقىلىنغان ناھەق تىل- ھاقارەت؛ئەيىپلەش.
- ئاھە — قەدىمىكى ئۇرۇش قوراللىرىنىڭ بىر تۈرى؛
- ئاھەڭ — ؛1) قەست ، نىيەت ، ئىستەك ، ئىنتىلىش ، باشلاش ؛ نىشان ، يۆنىلىش؛ [ئاھەڭ ئەتمەك--نىيەتلەنمەك]؛ 2) رەۋىش ، تەرز ؛ ئوخشاش؛
- ئاھەن — تۆمۈر؛
- ئاھەنپارە — تۆمۈر پارچەسى؛
- ئاھەنگەر — تۆمۈرچى؛
- ئاھەنگۇداز — تۆمۈر ئېرىتكۈچى ، تۆمۈرچى ، تۆمۇر ئېرىتىلىدىغان ئوچاق؛
- ئاھەنىن — تۆمۈردىن ئىشلەنگەن ؛ تۆمۈردەك ، قاتتىق ، چىڭ؛
- ئاھەنىن چەنگ — تۆمۈر پەنجە ، تۆمۈر قىسقۇچ ؛ تۆمۈر پەنجىلىك ، تۆمۈر چاڭگاللىق ؛ ئىنتايىن كۈچلۈك؛
- ئاھەنىن دىز — تۆمۈر قورغان ، مۇستەھكەم قەلئە؛
- ئاھوپى خوتەن — خوتەن كىيىكى؛ ھايۋانات تۈرى؛
- ئاھۇ — ؛1)كىيىكنىڭ بىر تۈرى؛ جەرەن 2) ئەيىپ ، گۇناھ؛
- ئاھۇتەك — كىيىكتەك يۈگۈرەك ، كىيىكتەك چاپىدىغان؛
- ئاھۇگىرلىك — ئەيىب تاپقۇرلۇق ، ئەيىب ئىزدەشلىك؛
- ئاھىن — تومۇر
- ئاھىنرەبا(ئاھانرەبا) — ئاھىن-تومۇر، رەبا-تارتقۇچى؛ پولات-تۆمۈر قاتارلىق جىسىملارنى ئۆزىگە تارتقۇچى تاش؛ ماگنېنت
- ئاھىنگەر — تومۇرچى
- ئاۋ — ئوۋ ، شىكار؛
- ئاۋات — تەرەققىي تاپقان،گۈللەنگەن؛ ئاھالەسى كۆپ
- ئاۋارە — سەرگەردان ؛ بەختسىز ، بەختسىزلىككە يولۇققان؛
- ئاۋاز ئىلمى / فونولوگىيە — Phonology(ئىسىم)--تىل ئىلمىنىڭ بىر تارماقى بولۇپ، بىر تىلدىكى ئاۋازلارنىڭ تىزىمىنى، ئۆزئارا مۇناسىۋەتىنى، قائىدەلىرىنى ۋ
- ئاۋاز بېرىش — Voting(ئىسىم/سۈپەت)-- دېگەن سۆز "vote" پېئىلىنىڭ ئىسىم شەكلى بولۇپ، مۇئەييەن بىر مەسىلە، كىشى ياكى تاللاشنى قوللاش ياكى
- ئاۋازە — ناخشا ؛ كۈي ، ئاھاڭ ؛ رىۋايەت ؛ ئاتاق ، داڭق؛