لۇغەتنى كۆرۈش: ئا
- ئالۇدە — بۇلغانغان ، پاسكىنا ، ئىپلاس ؛ [ئالۇدەدامەن--ئېتىكى بۇلغانغان ، يەنى ئىپلاس ، پاسكىنا ، يارىماس، نومۇسسىز؛
- ئالۇدەلىق — ئىپلاسلىق ، بۇلغانغانلىق، بۇزۇق؛
- ئالۇش — ئارىلاپ؛ [گۈن ئالۇش--كۈن ئارىلاپ]؛
- ئالۇغ — مائاش ، ئىش ھەققى ، ھەق ، ئېلىش؛
- ئالۇفتە/ئالىفتە — بېرىلگەن ، ئاشىق ؛ ھەيران ؛ پەرۋاسىز ؛ نازۇك تەبىئەت؛ سەتەڭ ؛
- ئالۇفتەۋار — ئاشىقانە ، پەرۋاسىزلىق بىلەن ئىش قىلغۇچى؛
- ئالۇڭ — ئوق سېپى؛
- ئالۋاستى — شەيتان؛
- ئالۋاڭ — سېلىق، باج-سېلىق؛ زورلۇق بىلەن يۈكلەنگەن مەجبۇرىيەت؛
- ئالۋاڭ (باج)
- ئالۋاڭچى (باجگىر)
- ئالى ئەبائ — پەيغەمبەر ئائىلەسى--مۇھەممەد، فاتىمە،ئەلى،ھەسەن ۋە ھۈسەيىن؛
- ئالى نەبى ۋە ئالى رەسۇل — ئالىي ئەبا؛
- ئالىپ — چاغاتايچە:باتۇر، قەھرىمان، پەھلىۋان/ ئۇيغۇرچە مەناسى: چوڭ،ئېگىز،كۆركەم
- ئالىغ - ساتىغ — ئېلىش - سېتىش ، ئېلىم - سېتىم ، سودا ، تىجارەت؛
- ئالىق - سالىق — سېلىق ، باج - سېلىق؛
- ئالىم — بىلگۈچى، چوڭقۇر بىلىملىك، يۇقارى مەلۇماتلىق.. بەزى مەنبەلەردە (ئارىف، ئارىپ)سۆزى بىلەن ئوخشاش مەنادا.
- ئالىمەقام — يۇقارى دەرەجەلىك ، ئۈستۈن مەرتىۋە ، يۈكسەك ئورۇن؛
- ئالىمۇل غەيب — غايىب سىرلارنى بىلگۈچى ؛ ئاللاھ ؛
- ئالىنچە — يۈگەندىكى پۆپۈك؛
- ئالىندا — ئالدىدا؛
- ئالىي — يۈكسەك ، ئەڭ يۇقارى ، ئەڭ ئېگىز ، ئالىي؛ [ئالىي بۇرۇج--ئېگىز چوققىلار ؛ ئاسمان]؛ [ئالىي دەرگاھ-- يۇقارى دەرەجەلىك ؛ قەسى
- ئالىي ھىممەت — زور ئىرادەلىك ، غەيۇر؛
- ئالىيە — يۈكسەك، ئۇلۇغ، بۈيۈك،. «ئالىي»نىڭ ئايال سىغا شەكلى؛