لۇغەتنى كۆرۈش: ئا
- ئاشۇلە — كۈي ؛ ناخشا ؛
- ئاشىق — سۆيگۈچى ، ئىشقىنى بەرگۈچى ، كۆيۈپ قالغۇچى ، ئاشىق ؛
- ئاشىقانە — ئاشىقلارچەل؛
- ئاشىقپىشە — بېرىلگەن ئاشىق، مەپتۇن بولغان ئاشىق؛
- ئاشىقنەۋاز — ئاشىقنى ئەركىلەتكۈچى ، شەپقەت كۆرسەتكۈچى ؛
- ئاشيان — بىنا قەۋىتى ؛ ئۇۋا ؛ ئۆي؛
- ئاغ — تور؛
- ئاغا — ئاكا،باشلىق،ئەمەلدار،كاتتا زات. 1.ئاكا: بىز ئاغا-ئىنى ئۈچىمىز ئۈچ خىل خاراكتېرگە ئىگە ئىدۇق،شۇڭا ئاقىۋەتمۇ ئۈچ خىل بولدى
- ئاغاز — باشىلىنىش ، كىرىش ، ئىپتىدا؛ باشلامچىلىق؛ [ئاغاز ئەيلەمەك، ئاغاز ئەتمەك،ئاغاز قىلماق--باشلىماق]؛
- ئاغازۇ ئەنجام — بىر ئىشنىڭ باش - ئاخىرى؛
- ئاغدۇرماق — كۆتۈرمەك ، ئېگىزلەتمەك ، قوپۇرماق؛
- ئاغرىش — Ache(ئىسىم/پېئىل)--داۋاملىق، كۈچلۈك بولمىغان ئەمما ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىشىدىغان ئاغرىق ھېسسىياتىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ "pain" دى
- ئاغرىماق — رەنجىمەك ، نەپرەتلەنمەك؛
- ئاغلاماق — تور بىلەن ئوۋلىماق ، تور بىلەن بېلىق تۇتماق؛
- ئاغماق — كۆتۈرۈلمەك ، ئۆرلىمەك؛
- ئاغمىخان — ھايۋانات تۈرى؛ بىرخىل سۈت ئەمگۈچى ھايۋان، بەدىنى كىچىك،ئۇزۇنراق،پۇتلىرى قىسقا بولىدۇ؛ قۇيرۇقى بەدەن ئۇزۇنلۇقىنىڭ يېرىمىغ
- ئاغناماق — ئېغىنىماق؛
- ئاغوشتە — ئارىلاشقان؛ بۇلغانغان.
- ئاغۇ — زەھەر، ئوغا؛
- ئاغۇش — قۇچاق، باغىر ، كۆكرەك؛ [ھەماغۇش بولماق-- قۇچاقلاشماق ، بىر - بىرىنى باغرىغا بېسىشماق؛
- ئاغۇلۇغ — زەھەرلىك؛
- ئاغۇنماق — زەھەرلەنمەك؛
- ئاغى(ئاغى قىلماق) — بىر ئىشنى قىلىشتىن باش تارتىپ كۆرسىتىلگەن ئورۇنسىز بانا-سەۋەپ.
- ئاغىچا يۇغۇچ — تەرخەمەك تىپىدىكى ئۆسۈملۈكنىڭ قازان يۇيۇشقا ئىشلىتىدىغان مىۋەسى.