ئىبادەت/ئىبادەت قىلىش
مەنىسى
Worship(پېئىل/ئىسىم)-- پېئىل شەكلىدە خۇداغا، دىنىي مەبۇدقا ھۆرمەت-ئىززەت، مۇھەببەت، بەندەچىلىك، ئىبادەت كۆرسىتىش؛ قەلبىدىن تەرىپلەش، ئۇلۇغلاش؛ ئىسىم شەكلىدە ئىبادەت، دىنىي مۇراسىم، سەجدە؛ ھەددىدىن زىيادە ھۆرمەت-ئىززەت؛ كەڭ مەنادا بىر نەرسە ياكى كىشىنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ قوللاپ-قۇۋۋەتلەش، مۇھەببەت قىلىش مەنالىرىنى بىلدۈرىدۇ. [مەسىلەن، "worship God" (خۇداغا ئىبادەت قىلىش)، "place of worship" (ئىبادەتخانا)، "freedom of worship" (ئىبادەت ئەركىنلىكى)]؛ ئىسىم شەكلى "Worshipper/Worshiper" (ئىبادەت قىلغۇچى)، سۈپەت شەكلى "Worshipful" (مۆھتەرەم)، سىنونىمى: "Adore" (مۇھەببەت قىلىش)، "Revere" (ھۆرمەتلەش)، "Venerate" (ئۇلۇغلاش)، "Praise" (تەرىپلەش)، "Pray" (دۇئا قىلىش)، ئانتونىمى: "Blaspheme" (كۇپۇرلۇق سۆز قىلىش)، "Desecrate" (مۇقەددەسلىككە تاجاۋۇز قىلىش)، "Disrespect" (ھۆرمەتسىزلىك قىلىش)؛
- ئىنگلىزچە
- Worship
- تۈركچە
- İbadet etmek, İbadet
- خەنزۇچە
- 崇拜/礼拜