ئىددىئا/ ئىددىئا قىلىش

مەنىسى

Claim(ئىسىم/پېئىل)--ئۈچ ئاساسىي مەنانى بىلدۈرىدۇ؛ (1) بىرەر ھەقىقەتنى ياكى نەرسەنى ئۆزىگە تەۋە دەپ تەلەپ قىلىش، ئېلان قىلىشنى بىلدۈرىدۇ؛ (2) ھوقۇق، مۈلۈك ياكى تۆلەمنى ئىددىئا قىلىش، ئىلتىماس قىلىش. (3) ئىسىم بولۇپ ئىشلەتكەندە "دەۋا، تەلەپ، ئىلتىماس" دېگەن مەنادا بولىدۇ. مەسىلەن، "ئۇ راست دەپ ئىددىئا قىلىدۇ" (He claims it's true)، "سۇغۇرتا تۆلىمىنى ئىددىئا قىلىش" (file an insurance claim)، "يالغان ئىددىئا" (false claim)؛ بۇ سۆز قانۇن، سۇغۇرتا، سوت ساھەلىرىدە كەڭ قوللىنىلىپ، ھوقۇق تەلەپى ۋە راستلىق باياناتىنى ئىپادەلەيدۇ. بۇ سۆزنىڭ ئىسىم شەكلى "Claimant" (ئىددىئاچى) / چاغاتايچە مەناسى: ئۆزىنى نىقاپلىۋېلىش ، ساختا قىياپەتكە كىرىۋېلىش؛ مۇدىئا،ئارزۇ ؛ قاتتىق تەلەپ ، دەۋا؛

چاغاتايچە
ئىددىئا
ئىنگلىزچە
Claim
تۈركچە
İddia etmek
خەنزۇچە
宣称/声称/要求

مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر

لۇغەتنى كۆرۈش