ھېسابلاش

مەنىسى

Computational(سۈپەت)--كومپيۇتېر ياكى دىجىتال ئۇسۇللار ئارقالىق ھېسابلاش، تەھلىل قىلىش ياكى مەسىلە ھەل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان نەرسەلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆز ئىلمىي تەتقىقات ۋە تېخنولوگىيەدە كومپيۇتېر كۈچىنى ئىشلىتىپ مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىپادەلەيدۇ. [مەسىلەن، "computational linguistics" (ھېسابلاش تىل ئىلمى / لىنگۋىستىكا)، "computational biology" (ھېسابلاش بىئولوگىيەسى)،"computational model" (ھېسابلاش مودېلى)]؛ بۇ سۆزنىڭ ئاساسى "Compute" (ھېسابلاش)، ئىسىم شەكلى "Computation" (ھېسابلاش جەريانى)، ئىجراچى ئىسىم شەكلى "Computer" (كومپيۇتېر) بولۇپ، سىنونىمى:"Digital" (دىجىتال)، "Algorithmic" (ئالگورىتىملىق)، "Numeric" (سانلىق) بولۇپ، ئانتونىمى "Analog" (ئانالوگ)، "Manual" (قولدا قىلىنىدىغان)؛

ئىنگلىزچە
Computational
تۈركچە
Hesaplamalı / Bilişimsel
خەنزۇچە
计算的 / 计算机的

لۇغەتنى كۆرۈش