ھومولوگ

مەنىسى

ھومولوگ(ئوخشاش تۈر ياكى مەنبەداش)--"ئوخشاش كېلىپ چىقىش ياكى قۇرۇلمىغا ئىگە، ئەمما تاشقى كۆرۈنۈش ياكى ۋەزىپەسىدە پەرق بار" دېگەن مەنانى ئىپادەلەيدۇ. بۇ سۆز ئاساسەن ئوخشاشلىق ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتىنى بەلگەلەشتە ئىشلىتىلىدۇ؛ (1)خىمىيە: ھومولوگ ئوخشاش قۇرۇلما ۋە خاسلىققا ئىگە، ئەمما مۇنتىزىم CH₂ گۇرۇپپاسى پەرقى بولغان ئورگانىك بىرىكمەلەرنى كۆرسىتىدۇ.(2)بىئولوگىيە: ئوخشاش كېلىپ چىقىشقا ئىگە، ئەمما ھازىر ھەر خىل جانىۋارلاردا ھەر خىل ۋەزىپە ئاتقارىدىغان ئورگانلارنى ياكى گېنلارنى بىلدۈرىدۇ. (3)ماتېماتىكا: Homology (ھومولوگىيە) تېرمىنى ئالگېبىرالىق توپولوگىيەدە شەكىللەرنىڭ ئوخشاشلىقىنى ئىپادەلەشتە ئىشلىتىلىدۇ؛

ئىنگلىزچە
Homolog
تۈركچە
Homolog
خەنزۇچە
同系物

لۇغەتنى كۆرۈش