يۈز
مەنىسى
؛(1) يۈز ، بەت ، چىراي ؛ تەرەپ ، ياق؛ [يۈز قويماق --- كەلمەك،كىرمەك، بارماق،يۈزلەنمەك، پەيدا بولماق، كېلىپ چىقماق، كىرىشمەك، باشلىماق]؛ [يۈز ئۇرماق --- قەدەم باسماق، كىرىشمەك، يوللاتماق؛ يېتىشمەك؛ ئۇچرىماق]؛ [يۈزگە ئۇرماق --- يۈزگە سالماق، ئەيىبىنى ئوچۇقتىن ئوچۇق يۈز تۇرانە تۇرۇپ ئېيتماق]؛ [يۈز ئۆيۈرمەك --- يۈز ئۆرۈمەك]؛ [يۈزگە چىن سالماق --- چىراي پۈرۈشتۈرمەك، ئاچچىقلىماق]؛ [يۈزگە زەئفەران ئاچماق --- چىرايى ئۆچمەك، سارغايماق]؛ [يۈزگە كەلتۇرمەك --- يۈزىگە سالماق، تەنە قىلماق]؛ [يۈز كورگۈزمەك --- كۆرۈنمەك]؛ [يۈز كەتۈرمەك --- پەيدا بولماق، مەيدانغا چىقماق،قەدەم قويماق، قارىماق]؛ [يۈز يەتكۈرمەك ---يۈزلەنمەك، كەلمەك، بارماق]؛ [يۈزگە كەلتۈرمەك --- يۈزىگە سالماق، يۈز تۇرانە ئېيتماق]؛ [يۈز كۆرمەك --- يۈزىنى ئايىماق، يۈز - خاتىر قىلماق]؛ [يۈز تاپماق --- كىرىشمەك]؛