نېفىت
مەنىسى
نېفىت --يەر قېپىدىن قېزىپ چىقىرىلغان، ئاساسلىقى ھىدروكاربونلاردىن تەركىب تاپقان يۇقارى ئېنېرگىيەلىك سۇيۇق يېقىلغۇ بولۇپ، "قارا ئالتۇن" دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نېفىت تەبىئىي يوللار بىلەن يەر ئاستىدا، كۆپىنچە يىللار داۋامىدا ئورگانىك ماددالارنىڭ پارچىلىنىشى نەتىجەسىدە شەكىللەنگەن. ئۇ ئېنېرگىيە مەنبەسى سۈپەتىدە (بېنزىن, دىزېل، ئايروپىلان يېقىلغۇسى)، خىمىيەلىك ماددالار (پلاستىك، بوياق، دورا) ۋە باشقا سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشتا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ. نېفىت ئىقتىساد، سىياسەت ۋە مۇھىت مەسىلەلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ. نېفىت بايلىقى دۇنيا ئىقتىسادىدا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دەۋلەتلەر (مەسىلەن، سەئۇدى ئەرەبىستان، روسىيە) ۋە OPEC قاتارلىق تەشكىلاتلار تەرەپىدىن كونترول قىلىنىدۇ؛ سانائەت ئاتالغۇلىرى؛
- ئىنگلىزچە
- Petroleum (or Oil)
- تۈركچە
- Petrol
- خەنزۇچە
- 石油