شەرقىي تۈركىستان ياشلار قۇرۇلتايى
مەنىسى
East Turkistan Youth Congress(تەشكىلات نامى)--دۇنيا مىقياسىدىكى شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىنىڭ تەشكىلاتى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنى قوغداش، مەدەنىيەت، تىل، كىملىكنى ساقلاش ۋە ياش ئەۋلادنى ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان. بۇ تەشكىلات شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھوقۇقى، زېمىن مەسىلەلىرىگە دىققەت قاراتقۇزۇش، ئۇلۇسلارئاراسىدا ئاۋاز كۆتۈرۈش ۋە ياش ئەۋلاد ئارىسىدا ئۇلۇسال ئاڭنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەيدۇ.قىسقارتماسى "ETYC" بولۇپ، تەشكىلات دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىشلەيدۇ. ئوخشاش تۈردىكى تەشكىلاتلار "Students for a Free Tibet" (ئەركىن تىبەت ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار) قاتارلىقلار بولۇپ، ھەممەسى ياشلارنى ئاساس قىلىپ ھوقۇق مۇداپىئەسى ئېلىپ بارىدۇ.
- ئىنگلىزچە
- East Turkistan Youth Congress
- تۈركچە
- Doğu Türkistan Gençlik Kongresi
- خەنزۇچە
- 东突厥斯坦青年代表大会