سېمانتىكا
مەنىسى
Semantics(ئىسىم)-- تىل ئىلمىنىڭ بىر تارماقى بولۇپ(مەنا ئىلمى)، سۆزلەرنىڭ، جۈملەلەرنىڭ ۋە تىل بىرلىكلىرىنىڭ مەناسىنى، مەنا ئۆزگىرىشىنى، مەنا مۇناسىۋەتىنى ۋە مەنانىڭ قانداق يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى سىستېمالىق ھالدا تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم تارماقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆز تىل بىرلىكلىرى بىلەن ئۇلار ئىپادىلەيدىغان چىنلىق دۇنياسى ئاراسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۆگىنىشنى ئىپادەلەيدۇ. [مەسىلەن، "word semantics" (سۆز سېمانتىكاسى)، "semantic meaning" (سېمانتىكالىق مەنا)، "semantic change" (سېمانتىكا ئۆزگىرىشى)]؛ سۈپەت شەكلى "Semantic" (سېمانتىكالىق)، ئىجراچى ئىسىم شەكلى "Semanticist" (سېمانتىكاچى)، سىنونىمى: "Meaning studies" (مەنا تەتقىقاتى)، "Semiology" (سېمىئولوگىيە،يەنى بەلگە ئىلمى) بولۇپ، تىل ئىلمىدىكى يېقىن تارماقلار "Syntax" (سىنتاكسىس)، "Pragmatics" (پراگماتىكا،يەنى قوللىنىش ئىلمى)، "Lexicology" (لېكسىكولوگىيە)؛
- ئىنگلىزچە
- Semantics
- تۈركچە
- Semantik
- خەنزۇچە
- 语义学