سولومون ئاراللىرى

مەنىسى

سولومون ئاراللىرى ئوكيانىيەدە، تىنچ ئوكياننىڭ جەنۇب-غەربىي قىسمىدا، پاپۇئا يېڭى گۋىنېيەنىڭ شەرقىدە جايلاشقان ئارال دەۋلىتى. 900 دىن ئارتۇق ئارالدىن تەركىب تاپقان. پايتەختى ھونىيارا (Honiara). رەسمىي تىلى ئىنگىلىزچە، كۆپچىلىك خەلقى مېلانېزىيە تىللىرىنى سۆزلەيدۇ. بىرىتانىيە ھامىيىلىكىدىكى كونستىتۇتسىيە شاھانە دەۋلىتى. يەرلىك مېلانېزىيە خەلقى قەدىمىي مەدەنىيەتكە ئىگە. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەڭ مەيدانلىرىنىڭ بىرى بولغان. بېلىق تۇتۇش، ئورمانچىلىق ۋە زىرائەت ئاساسىي ئىقتىساد تارماقلىرى. دەۋلەت بايرامى: 1978-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى (ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىكىدىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن كۈن)؛

ئىنگلىزچە
Solomon Islands
تۈركچە
Solomon Adaları
خەنزۇچە
所罗门群岛

لۇغەتنى كۆرۈش