ستراتېگىيە

مەنىسى

Strategy(ئىسم)-- مەلۇم بىر مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئىشلىنىپ چىقىلغان ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان، ئۇسۇل-تەدبىر، تاكتىكانى بىلدۈرىدۇ. بۇ چوڭ ۋە ئومۇمىي پىلانلاش، ئاقىللىق قارار قىلىش ۋە رېسۇرسلارنى ئەڭ ياخشى ئىشلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ["تىجارەت ستراتېگىيەسى" (business strategy)، "ھەربىي ستراتېگىيەسى" (military strategy)، "سېتىش ستراتېگىيەسى" (sales strategy)، "ئۇتۇش ستراتېگىيەسى" (winning strategy)دېگەندەك ئىشلىتىلىدۇ. بۇ سۆز ھەربىي، تىجارەت، سپورت، سىياسەت ساھەلىرىدە كەڭ قوللىنىلىپ، مەقسەت-نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئومۇمىي يۆنىلىش ۋە پىلاننى كۆرسىتىدۇ. بۇ سۆزنىڭ سۈپەت شەكلى "Strategic" (ستراتېگىيەلىك)، ئىسىم شەكلى "Strategist" (ستراتېگ) بولىدۇ. "Strategy" ۋە "tactic" ئوخشاش بولسىمۇ، "strategy" ئۇمۇمىي چوڭ پىلاننى، "tactic" ئېنىق ۋاقىتلىق ئىش ئۇسۇلىنى بىلدۈرىدۇ؛

ئىنگلىزچە
Strategy
تۈركچە
Strateji
خەنزۇچە
战略 / 策略 / 方针

لۇغەتنى كۆرۈش