ساراڭ، تەلۋە

مەنىسى

Crazy(سۈپەت)--ئاساسلىقى ئەقىل-پاراسىتى نورمال ئەھۋالدا بولمىغان، ھېسسىز-ھوشسىز ياكى غەيرىي ئادەتتىكى ھەرىكەت قىلىدىغان كىشىنى ياكى ئەھۋالنى بىلدۈرىدۇ، ئەمما كۈندەلىك سۆزلىشىشتە بۇ سۆز تېخىمۇ كەڭ مەنادا ئىشلىتىلىپ، "ھەددىدىن زىيادە"، "ئىنتايىن"، "ئالامەت"، "قىزىقارلىق"، "غەيرىي ئادەتتىكى، "ھەۋەسلىك" قاتارلىق مەنالارنى ئىپادەلەيدۇ. ["I'm crazy about music" (مەن مۇزىكاغا ئىنتايىن ھاۋەسلىك) دېگەندە مۇۋاپىق مەنانى بىلدۈرىدۇ، "That's a crazy idea" (بۇ ئەقىلگە سىغمايدىغان پىكىر / بۇ ئالامەت پىكىر) دېگەندە ئىككى خىل مەنانى بىلدۈرەلەيدۇ، "crazy weather" (نورمالسىز ھاۋارايى)]؛ بۇ سۆز سۆزلىشىش مۇھىتىغا قاراپ ئوڭ ياكى تەتۈر مەنانى بىلدۈرەلەيدۇ. ئىسىم شەكلى "Craziness" (ساراڭلىق، تەلۋەلىك)، رەۋىش شەكلى "Crazily" (ساراڭلارچە، تەلۋەلەرچە)؛

ئىنگلىزچە
Crazy
تۈركچە
Deli, çılgın
خەنزۇچە
疯狂的

مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر

لۇغەتنى كۆرۈش