سار
مەنىسى
؛(1) قارىغوجا ، قارا قۇشقاچ ؛ (2) تۆگە ؛ (3) ئىسىم ئاخىرىغا ئۇلىنىدىغان قوشۇمچە بولۇپ، تۆۋەندىكى مەنالارنى ئىپادەلەيدۇ؛ - 1* بىرەر جايدا بىرەر نەرسەنىڭ مول ئىكەنلىكىنى ياكى شۇنداق جاينىڭ كۆپلۈكىنى بىلدۈرىدۈ؛ مەسىلەن:[نەمەكىسار --- تۇزى مول جاي ، تۇز كانلىرى]؛[كوھسار ---تاغلىق جايلار]؛ [چەشمە سار--- بۇلاقلىق ، بۇلاق كۆپ جاي]؛ 2* «ئوخشاش ، كەبى ، دەك»دېگەن مەنالارنى ئۇقتۇرىدۇ؛ مەسىلەن: [خاكسار --- توپىغا ئوخشاش ، تۆۋەن ، خار ، كۈچسىز؛ كەمتەر]؛ [ نىگۇنسار --- ئاستىن - ئۇستۈن ئاغدۇرۇلغان]؛ [دىۋسار --- دىۋىگە ئوخشاش]؛ 3*بىرەر سۈپەتكە ئىگە ئىكەنلىكنى بىلدۈرىدۇ؛ [شەرمسار --- ئۇياتلىق ، ئۇيالغان ، ئۇياتچان]؛