ساداقەت
مەنىسى
Faithfulness(ئىسىم)--بىراۋغا، بىر ئىشەنچكە، ۋەدىگە ياكى مۇناسىۋەتكە ساداقەتلىك بىلەن باغلىنىش، ئۆزگەرمەي تۇرۇش، خىيانەت قىلماسلىق خاسلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئەخلاقىي ۋە روھىي بىر قىممەت بولۇپ، نىكاھ مۇناسىۋىتى، دوستلۇق، دىنىي ئىشەنچ قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، "marital faithfulness" (نىكاھ ساداقىتى)، "religious faithfulness" (دىنىي ساداقەت)]؛ بۇ سۆز تېخىمۇ چوڭقۇر روھىي ۋە ئەخلاقىي مەنانى بىلدۈرىدۇ،كۆپىنچە دىنىي ئىشەنچ، نىكاھ مۇناسىۋىتى، ۋەدە-ئەھدىگە ئەمەل قىلىش جەھەتلىرىدە ئىشلىتىلىدۇ. بۇ سۆزنىڭ سۈپەت شەكلى "Faithful" (ساداقەتمەن)، رەۋىش شەكلى "Faithfully" (ساداقەتلىك بىلەن)، ئانتونىمى: "Faithlessness" (ساداقەتسىزلىك) بولىدۇ.
- ئىنگلىزچە
- Faithfulness
- تۈركچە
- Sadakat, Bağlılık
- خەنزۇچە
- 忠诚