دېڭىز قاماسى(دېڭىز كەرگۈ)
مەنىسى
دېڭىز قاماسى-- قامانىڭ بىر تۈرى، ئاساسلىقى دېڭىز قىرغاقلىرىدا، بولۇپمۇ تىنچ ئوكياننىڭ شىمالىدىكى سۇلاردا (مەسىلەن، ئالياسكا, كانادا ۋە روسىيە قىرغاقلىرى) ياشايدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. دېڭىز قاماسى سۇدا ياشاشقا تولۇق ماسلاشقان بولۇپ، سۇ ئۆتمەس قويۇق يۇڭى ۋە ياخشى ئۈزۈش ئىقتىدارى بىلەن داڭلىق. ئۇلار بېلىق، دېڭىز كىرپىسى، قىسقۇچپاقا ۊە باشقا دېڭىز جانلىقلىرى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. دېڭىز قاماسى قورال ئىشلىتىش ئىقتىدارى بىلەن ئالاھىدە تونۇلىدۇ؛ ئۇلار دېڭىز كىرپىلىرىنى يەپ، يوسۇن ئورمانلىرىنى قوغدايدۇ. بىراق, يۇڭ تىجارىتى ۊە مۇھىت بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن بىر مەزگىل يوقۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. نازۇك تۈر دەپ قارالىدۇ. دېڭىز قاماسى سۇ يۈزىدە يېتىپ دىنچىلىشى (كۆپىنچ يوسۇنغا چىرمىشىپ) بىلەن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن؛ ھايۋانات تۈرى؛
- ئىنگلىزچە
- Sea Otter
- تۈركچە
- Deniz samuru
- خەنزۇچە
- 海獭