دېفلياتسىيە
مەنىسى
دېفلياتسىيە-- ئىقتىسادتىكى مال-تاۋار ۋە مۇلھەمەتلەرنىڭ ئومۇمىي باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىنى ۋە پۇلنىڭ سېتىۋېلىش قىممەتىنىڭ يۇقارالىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھادىسە كۆپىنچە تەلەپنىڭ ئازلىشى، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ كۆپىيىشى ياكى پۇل تەمىناتىنىڭ قىسقىرىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. دېفلياتسىيە قىسقا ۋاقىتتا ئىستېمالچىلار ئۈچۈن پايدالىق بولۇشى مۇمكىن (چۈنكى باھا تۆۋەنلەيدۇ)، بىراق ئۇزاق مۇددەتتە ئىقتىسادىي سۇسلىشىش، ئىشسىزلىق ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ قىسقىرىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. دېفلياتسىيە ئىنفلياتسىيەنىڭ (inflation) ئەكسىچە ھالەتى بولۇپ، مەركىزى بانكالار تەرەپىدىن يېقىندىن كۆزىتىلىدۇ ۋە ئىقتىسادىي سىياسەت ئارقالىق تەڭشىلىدۇ؛
- ئىنگلىزچە
- Deflation
- تۈركچە
- Deflasyon
- خەنزۇچە
- 通货紧缩