دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى(WHO)
مەنىسى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلات، قىسقارتىلىپ WHO-- بىرلەشمە ئۇلۇسلار (UN) نىڭ بىر ئالاھىدە ئورگىنى بولۇپ، ئۇلۇسلارئارا سەھىيە مەسىلەلىرىنى ھەل قىلىش ۋە دۇنيا بويىچە ساغلاملىقنى ياخشىلاش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. WHO 1948-يىلى 7-ئاپرېلدا قۇرۇلغان بولۇپ، باش قارارگاھى شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھەرىدە جايلاشقان. بۇ تەشكىلات يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر (مەسىلەن، COVID-19)، سەھىيە سىستېماسىنى كۈچەيتىش، ۋاكسىنا تەمىنلەش ۋە ساغلاملىق سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ. WHO نىڭ مەقسىتى دۇنيا خەلقلىرىنىڭ يۇقارى سەۋىيەلىك ساغلاملىقىغا ئېرىشىشىنى قوللاش بولۇپ، ھەر خىل سەھىيە كرىزىسلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇش ۋە تەتقىقاتلارنى قوللاش ئارقالىق بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؛
- ئىنگلىزچە
- World Health Organization(WHO)
- تۈركچە
- Dünya Sağlık Örgütü
- خەنزۇچە
- 世界卫生组织