تېكىستىل سانائەتى / توقۇمىچىلىق سانائەتى

مەنىسى

تېكىستىل سانائەتى-- رەخت-كىيىم، توقۇلما، مېتا ۋە باشقا توقۇما مەھسۇلاتلىرىنى ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سانائەت ساھەسى. بۇ سانائەت خاماللىقتىن (پاختا، يۇڭ، كەندىر، سۈنئىي تالا) يىپ ئېگىرىش، توقۇش، رەڭلەش، بېسىش، تىكىش ۋە ئاخىرقى مەھسۇلات ياساشغىچە بولغان پۈتۈن جەريانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، پاختىدىن كۆينەك، يۇڭدىن گىلەم، سۈنئىي تالادىن يامغۇر كىيىم ياسىلىدۇ. تېكىستىل سانائەتى رەخت-كىيىم، ئورۇن-كۆرپە، پەردە، تىببىي رەخت، ياساشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سانائەت ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، كۆپ ئىشچى قوللىنىپ، دەۋلەت ئىقتىسادىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. زامانىۋى تېكىستىل سانائەتىدە ئاپتوماتلاشتۇرۇلغان ماشىنىلار ۋە ئىلغار تېخنىكالار كەڭ قوللىنىلىدۇ؛

ئىنگلىزچە
Textile industry
تۈركچە
Tekstil sanayii
خەنزۇچە
纺织业

مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر

لۇغەتنى كۆرۈش