تېستوستېرون

مەنىسى

تېستوستېرون(ئەرلىك ھورمون)-- ئاساسلىق ئەرلىك جىنسىي ھورمونى بولۇپ، ئەرلەرنىڭ تاناسىل ئەزاسىدا كۆپ مىقداردا ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ (ئايالالاردىمۇ ئاز مىقداردا بار). بۇ ھورمون ئەرلەرنىڭ جىنسىي خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ، مەسىلەن ساقال-بۇرۇتنىڭ ئۆسۈشى، ئاۋازنىڭ بوم ، مۇسكۇل ئۆسۈشى، سۆڭەك مۇستەھكەملىكى ۋە ئەرلىك ئورگانلىرىنىڭ تەرەققىياتى. ئۇ يەنە جىنسىي ئارزۇ، مۇسكۇل كۈچى، ئېنېرگىيە دەرەجەسى، روھىي ھالەتنى تەڭشەشتىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. تېستوستېرون دەرەجەسى ياشنىڭ ئۆسۈشى بىلەن تۆۋەنلەيدۇ. تۆۋەن تېستوستېرون دەرەجەسى جىنسىي كۈچسىزلىك، چارچىراش، مۇسكۇل ئازىيىشى، قاتارلىق مەسىلەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. سپورتتا تېستوستېرون قانۇنسىز دوپىڭ ماددىسى قاتارىدا ساناقتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ؛

ئىنگلىزچە
Testosterone
تۈركچە
Testosteron
خەنزۇچە
雄性激素

لۇغەتنى كۆرۈش