تۇتماق

مەنىسى

تۇتماق، بەرمەك ، تەقدىم قىلماق ، ئۇزاتماق ، ئىگىلىمەك ، بېسىپ كەتمەك،قاپلىماق،ھېسابلىماق، پەرەز قىلماق ، ئىشلەتمەك، قوللانماق؛ [ ئەۋج تۇتماق ---كۆتۈرۈلمەك ، يۈكسەلمەك ، ئېگىزلىمەك]؛ [ۋىساق تۇتماق --- جايلاشماق ، ئورناشماق]؛ [يەر تۇتماق --- ئورۇن ئالماق ، ماكان تۇتماق]؛ [ياد تۇتماق --- ئەستە ساقلىماق،خاتىرىدە ساقلىماق]؛ [يول تۇتماق --- توسماق( تۇتماق ئۈچۈن)]؛ [يولنى تۇتماق --- يولغا چۈشمەك، يوللانماق]؛ [ئارام تۇتماق --- ئارام ئالماق، جىم تۇرماق]؛ [ئاتىنى تۇتماق --- ئىسمىنى ئاغزىغا ئالماق ، ئاتىماق ، تىلغا ئالماق]؛ [رەنج تۇتماق --- كېسەل بولماق]؛ [خەبەر تۇتماق --- خەۋەر، بىرەر ئىش ياكى بىراۋ ھەققىدە دېرەك تاپماق]؛ [خوش تۇتماق --- شاد قىلماق ، شادلىقتا ئۆتكۈزمەك]؛ [ئەتەك تۇتماق --- 1)بېرىلمەك؛ 2) ئۇستاز، پىر ۋە ئىشانغا ئېتىقاد قىلىپ ئۇنىڭ تەربىيەسىگە كىرمەك]؛ [ئورنىنى تۇتماق --- جايلاشماق، ئورناشماق]؛ [قەدەمنى سابىت تۇتماق --- ۋەدىدە مەھكەم تۇرماق ، بىر قارارغا كەلمەك]؛

مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر

لۇغەتنى كۆرۈش