تۆمەنقۇش
مەنىسى
تۆمەنقۇش (Struthio camelus) دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ تېز يۈگۈرەلەيدىغان قۇش بولۇپ، ھايۋانلار دۇنياسىنىڭ قۇشلار (Aves) سىنىپىغا تەۋە، تۆمەنقۇشلار ئائىلەسى (Struthionidae) گە كىرىدۇ. ئۇ ئۇچالمايدىغان قۇش بولۇپ، ئاساسلىقى ئافرىقا قىتئەسىدىكى ساھىل ۋە يايلاق رايونلىرىدا ياشايدۇ؛ تۆمەنقۇش دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۇخۇمنى تۇغىدۇ، بىر تۇخۇمنىڭ ئېغىرلىقى 1.4-2 كىلوگرامغىچە بولىدۇ. ئەركەك تۆمەنقۇشلارنىڭ پەيلىرى قارا ۋە ئاق، چىشىسىنىڭ پەيلىرى قوڭۇر بولىدۇ؛ ھايۋانات تۈرى؛
- چاغاتايچە
- شۇتۇرمۇرغ
- ئىنگلىزچە
- Ostrich
- تۈركچە
- Devekuşu
- خەنزۇچە
- 鸵鸟
- لاتىنچە يېزىلىشى
- تۆگە قۇش