تۆمۈر تۇمشۇق

مەنىسى

تۆمۈر تۇمشۇق-----ئورمان دوختۇرى، مەملىكىتىمىزگە بىر قەدەر كەڭ تارقالغانلىرىدىن يېشىل تۆمۈر تۇمشۇق، چىپار تۆمۈر تۇمشۇقلار بار. ئۇلار مەخسۇس ئۇزۇن بۇرۇتلۇق قوڭغۇز، ئالتۇن قوڭغۇز، لېچىنكا قاتارلىق زىيانداش ھاشارەتلەرنى يەيدۇ. ھەركۈنى 1500دىن ئارتۇق زىيانداش ھاشارەتنى يېۋىتەلەيدۇ. تۆمۈر تۇمشۇقنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى كۆپ، پائالىيەت دائىرسى بىرقەدەر كەڭ بولغاچقا 13.3 گېكتارلىق ئورماندا ئەگەر بىرلا تۆمۈر تۇمشۇق بولسا بىر قىشتا %90 ئالتۇن قوڭغۇز نى %80 ئۇزۇن بۇرۇتلۇق قوڭغۇزنى يەپ تازلىۋېتەلەيدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى «ئورمان دوختۇرى» دەپ ئاتىشىدۇ؛ ئۇچار قانات،ھايۋانات تۈرى؛

ئىنگلىزچە
Woodpecker
تۈركچە
Ağaçkakan
خەنزۇچە
啄木鸟

مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر

لۇغەتنى كۆرۈش