ئاسمىلاتسىيە (ئوخشۇتۋېتىش)

مەنىسى

؛(1)ئۆسۈملۈك ياكى جانلىق ئورگانىزم پائالىيەتى جەريانىدا سىرتتىن قوبۇل قىلىنغان ماددالارنىڭ ئۆزلىشىشى،سىڭىشى،ھەزىم بۇلشى،ئۆزلەشتۈرۈلىشى،سىڭدۈرۈلۈشى؛ (2)بىر مىللەتنىڭ ئىككىنچى بىر مىللەت ئۆرپ-ئادەتلىرىنى،مەدەنىيەتىنى ۋە تىلىنى ئۆزلەشتۈرۈشى نەتىجەسىدە ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ بىر بۇلۇپ كېتىشى؛ (3) تىلدا ئوخشىمايدىغان،ئەمما ئۆز-ئارا يېقىن ئىككى تاۋۇشنىڭ بىر-بىرىگە تەسىر قىلىشى نەتىجەسىدە،بىرىنچىسى ئىككىنچىسىگە ياكى ئىككىنچىسى بىرىنچىسىگە ئوخشاپ كېتىشى. مەسىلەن: ئۇيغۇر تىلىدىكى «تۇزسىز» سۆزىنىڭ «تۇسسىز»، «ئاتسا»سۆزىنىڭ «ئاسسا» تەلەپپۇز قىلىنىشىغا ئوخشاش؛

ئىنگلىزچە
Assimilation
تۈركچە
Özümseme
خەنزۇچە
同化

مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر

لۇغەتنى كۆرۈش