ئاز سانلىقلار
مەنىسى
Minorities(ئىسىم/كۆپلۈك شەكلى)--بىر دەۋلەت، رايون ياكى جەمئىيەت ئىچىدە ئىرق، مىللەت، دىن، تىل، مەدەنىيەت ياكى باشقا خاسلىقلىرى جەھەتتىن كۆپچىلىكتىن پەرقلىق بولغان ۋە سانى نىسبەتەن ئاز بولغان گۇرۇھلارنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆز ئادەتتە بۇ گۇرۇھلارنىڭ ھوقۇقلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئورنى توغرۇلۇق مۇزاكىرىلەردە ئىشلىتىلىدۇ. [مەسىلەن، "ethnic minorities" (ئەتنىك ئاز سانلىقلار)، "religious minorities" (دىنىي ئاز سانلىقلار)، "minorities rights" (ئاز سانلىقلارنىڭ ھوقۇقلىرى)، "protect minorities" (ئاز سانلىقلارنى قوغداش)]؛ يەككە شەكلى "Minority" (ئاز سانلىق)، سىنونىمى "Ethnic groups" (ئەتنىك گۇرۇھلار) بولۇپ، ئانتونىمى "Majorities" (كۆپ سانلىقلار)، "Dominant groups" (ھۆكۈمران گۇرۇھلار)؛
- ئىنگلىزچە
- Minorities
- تۈركچە
- Azınlıklar
- خەنزۇچە
- 少数群体 / 少数民族