RAM(ئىچكى ساقلىغۇچ)
مەنىسى
RAM--كومپيۇتېرنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ساقلاش ئۈسكۈنەسى بولۇپ، پروگراممىلار ۋە مەلۇماتلارنى تېز زىيارەت قىلىش ھەم بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. RAM دا ساقلانغان مەلۇماتلار كومپيۇتېر توك مەنبەسى ئۈزۈلگەندە يوقىلىدۇ، RAM نىڭ سىغىمى (مەسىلەن، 8GB، 16GB)، سۈرئەتى (مەسىلەن، DDR4، DDR5) كومپيۇتېرنىڭ ئىشلەش ئۈنۈمىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ ئويۇن، ۋىدېئو تەھرىرلەش ياكى بىرلا ۋاقىتتا كۆپ پروگرامما ئىجرا قىلغاندا. "RAM" سۆزى ئىنگلىزچە Random Access Memory دىن كەلگەن بولۇپ، مەلۇماتلارنى خالىغان تەرتىپ بويىچە تېز زىيارەت قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛
- ئىنگلىزچە
- RAM (Random Access Memory
- تۈركچە
- RAM
- خەنزۇچە
- 内存