RAG(ئىزدەش ئارقالىق كۈچەيتىلگەن ھاسىللاش)
مەنىسى
RAG (Retrieval Augmented Generation)(قىسقارتما، ئىسىم ئىبارەسى)--سۈنئىي ئىدراك مودېلىنىڭ جاۋاب ھاسىللاشتا ئالدى بىلەن سىرتقى مەلۇمات مەنبەسىدىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ تېپىپ، ئاندىن بۇ ئىزدەپ تېپىلغان ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلىپ تېخىمۇ توغرا، ئېنىق ۋە ۋاقىتلىق جاۋاب ھاسىل قىلىدىغان تېخنىكانى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئۇسۇل بۈيۈك تىل مودېلىنىڭ چەكلىك بىلىمىنى كېڭەيتىپ، يېڭىلانغان ۋە ئالاھىدە ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەسىلەن، "RAG سىستېماسى" (RAG system)، "ئىزدەش ۋە ھاسىللاش" (retrieval and generation)، "مەلۇمات كۈچەيتىش" (data augmentation)، "RAG تېخنىكاسى" (RAG technique)]؛ بۇ قىسقارتمىنىڭ تولۇق شەكلى "Retrieval Augmented Generation" (ئىزدەش كۈچەيتىلگەن ھاسىللاش)، ئوخشاش تېخنىكا "Knowledge Augmented Generation" (بىلىم كۈچەيتىلگەن ھاسىللاش)، "Hybrid AI" (ئارىلاشما سۈنئىي ئىدراك)؛
- ئىنگلىزچە
- RAG / Retrieval Augmented Generation
- تۈركچە
- Geri Alma ile Güçlendirilmiş Üretim
- خەنزۇچە
- 检索增强生成