چەكمەك

مەنىسى

تارتماق، چەكمەك ، سۇغۇرۇپ ئالماق ، جەلب قىلماق، ئۆزىگە تارتماق؛ ئۇرماق،ئۆتكۈزمەك ، تىزماق ، تەقدىم قىلماق ، تۇتماق ؛ پاتماق ، ئولتۇرماق ، يەتمەك،تۇتاشماق ،ئۇلانماق ، ئاپارماق ، ھەيدەپ بارماق ؛ تىكلىمەك ، ئورناتماق ، (نەقىش ئويماق ) ؛سىزماق ، يازماق:تۈزمەك ، ياراتماق ؛ ئۆلچىمەك ، (ئوق ) ئاتماق ، ئىچمەك؛ (ساز)چالماق؛ [ئەلەم چەكمەك --- ئەلەم چەكمەك ، دەرە تارتماق]؛ [ستەم چەكمەك --- ئەلەم چەكمەك ، دەرد تارتماق، زۇلۇم چەكمەك]؛ [ئىلىك چەكمەك --- قول تارتماق]؛ [تىغ چەكمەك --- تىغ تارتماق]؛ [تىل چەكمەك --- سۆزلەمەك؛ تىلىنى تارتماق، سۆزنى توختاتماق]؛ [جام چەكمەك --- ئىچىملىك ئىچمەك]؛ [رەقەم چەكمەك --- يازماق]؛ [ساز چەكمەك --- ساز چالماق]؛ [سىپاھ چەكمەك --- لەشكەر تارتماق ،ھەربىي يۈرۈش قىلماق]؛ [سۇرۇد چەكمەك --- ناخشا ئېيتماق ، كۈيلىمەك]؛ [سالا چەكمەك ---چاقىرماق ، دەۋەت قىلماق]؛ [قول چەكمەك --- قولىنى تۇتماق ، يۆلىمەك]؛ [ھەۋەس چەكمەك --- ھەۋەس قىلماق]؛

مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر

لۇغەتنى كۆرۈش