يېرىم ئۆتكۈزگۈچ
مەنىسى
يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئېلېكتر توكىنى بەزى شارائىتتا ئۆتكۈزەلەيدىغان ۋە بەزى شارائىتتا ئۆتكۈزمەيدىغان ماددا بولۇپ، زامانىۋى ئېلېكترونلۇق تېخنىكانىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەر ئادەتتە سىلىتسىي (Silicon) ياكى گېرمانىي (Germanium) قاتارلىق ئېلېمېنتلاردىن ياسىلىدۇ ۋە كومپيۇتېر، تېلېفون، تېلېۋىزور قاتارلىق ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنەلەرنىڭ يادروسى بولغان ئۈزەك (chip) لەرنى ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ.
- ئىنگلىزچە
- Semiconductor
- تۈركچە
- Yarı Iletken
- خەنزۇچە
- 半导体