ياۋروپا

مەنىسى

ياۋروپا يەرشارىنىڭ غەرپىي يېرىمدا، ئاسىيا قىتئەسىنىڭ غەرپى ۋە ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شەرقىدە، شىمالىي يېرىم شاردا جايلاشقان بىر قىتئەدۇر. گەرچە ياۋروپا جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن ئاسىيا بىلەن بىر قۇرۇقلۇقنى ھاسىل قىلسىمۇ (ياۋراسىيا دەپ ئاتىلىدۇ)، ئۇ تارىخىي، مەدەنىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئالاھىدە بىر قىتئە سۈپەتىدە قارالىدۇ. ياۋروپا كىچىك قىتئەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، يەر مەيدانى تەخمىنەن 10.18 مىليون كۋادرات كىلومېتىرنى ئىگىلەيدۇ. ياۋروپانىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 750 مىليون (2025-يىلىدىكى مۆلچەر). ياۋروپادا 44 دەۋلەت بار؛ ياۋروپا ئىتتىپاقى (EU): 27 ئەزا دەۋلەتتىن تەركىب تاپقان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بىرلەشمە بولۇپ، ياۋروپانىڭ بىرلىكى ۋە تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئورتاق پۇل بىرلىكى "ياۋرو" (Euro) دۇر؛

چاغاتايچە
فەرەنگىستان/ئەفرەنج
ئىنگلىزچە
Europe
تۈركچە
Avrupa
خەنزۇچە
欧洲

مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر

لۇغەتنى كۆرۈش