يار قانات(شەپەرەڭ)
مەنىسى
[چاغاتاي لۇغەتىدىكى باشقاچە ئاتاشلىرى: يەراسە/يارقانات/ خۇففاش]؛ يارقانات (Chiroptera) ھايۋانلار دۇنياسىنىڭ سۈت ئەمگۈچىلەر (Mammalia) سىنىپىغا تەۋە بولۇپ، دۇنيادىكى بىردىنبىر ئۇچالايدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋاندۇر. يارقاناتلار تەرتىپى (Chiroptera) گە كىرىدۇ ۋە دۇنيادا 1400 دىن ئارتۇق تۈرى بار. ئۇلار كېچىدە ھەرىكەت قىلىدىغان ھايۋانلار بولۇپ، كۆپىنچە ھاشارات، مېۋە، گۈل شىرنىسى ياكى كىچىك ھايۋانلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ.كۆرۈش ئىقتىدارى ئاجىز. ئۇلار ئاۋاز دولقۇنلىرىنى چىقىرىپ، بۇ دولقۇنلارنىڭ قايتىپ كېلىشى ئارقالىق نىشانلارنى ياكى يېمەكلىكلەرنى بايقايدۇ. بۇ ئېكولوكاتسىيە دەپ ئاتىلىدۇ؛ ھايۋانات تۈرى؛
- چاغاتايچە
- شەبپەرەك/ شەبپەر
- ئىنگلىزچە
- Bat
- تۈركچە
- Yarasa
- خەنزۇچە
- 蝙蝠