مېركات
مەنىسى
مېركات--(قىسقا پۇت ئىپار مۈشۈك)كىچىك، گۇرۇپ ھالەتتە ياشايدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بولۇپ، موڭغۇس تۈرىگە تەۋە. كۆپىنچە ئافرىقانىڭ جەنۇبىدىكى قۇرغاق رايونلار، بولۇپمۇ نامىبىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقادا ياشايدۇ. مېركاتلار گۇرۇپ ھالەتتە ياشاپ، بىر-بىرىگە ياردەملىشىپ، يېمەكلىك ئىزدەيدۇ ۋە يىرتقۇچ ھايۋانلاردىن ساقلىنىدۇ. ئۇلار كۆپىنچە قۇرت-قوڭغۇز، كىچىك ھاشارات ۋە باشقا كىچىك ھايۋانلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. مېركاتلارنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئالاھىدىلىكى شۇكى، گۇرۇپتىكى بىر مېركات كۆزەتچى بولۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەتراپتىكى خەتەرلەرنى كۆزىتىدۇ. بۇ ھەرىكەتى ئۇلارنى خېلى داڭلىق قىلغان. مېركاتلار چۆل ۋە يېرىم چۆل رايونلىرىدا كولاپ ياشاش ئادەتىگە ئىگە؛ ھايۋانات تۈرى؛
- ئىنگلىزچە
- Meerkat
- تۈركچە
- Mirket
- خەنزۇچە
- 狐獴