مىكروپىلاستىك

مەنىسى

Microplastics(ئىسىم)--ئۆلچەمى 5 مىللىمېتىردىن كىچىك بولغان پىلاستىك زەررىچەلىرىنى بىلدۈرىدۇ. بۇلار چوڭ پىلاستىك بۇيۇملارنىڭ پارچىلىنىشى، يۇيۇش ماشىناسىدا سۈنئىي رەخت يۇيۇشتىن چىققان يىپ زەررىچەلىرى ياكى كوسمېتىك مەھسۇلاتلاردىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ زەررىچىلەر ئوكيان، دەريا ۋە تۇپراقتا تارقىلىپ، دۇنيا مۇھىتىغا جىددىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. [مەسىلەن، "microplastics pollution" (مىكرو پىلاستىك بۇلغىنىشى)، "ocean microplastics" (ئوكيان مىكرو پىلاستىكى)، "microplastics in food" (يېمەكلىكتىكى مىكرو پىلاستىك)، "microplastics detection" (مىكرو پىلاستىك بايقاش)]؛ يېقىن تۈشۈنچىلىرى "Nanoplastics" (نانو پىلاستىك)، "Marine debris" (دېڭىز ئەخلەت)، "Plastic pollution" (پىلاستىك بۇلغىنىشى) بولۇپ، تەھدىت قىلىدىغان جايلىرى "Food chain" (يېمەكلىك زەنجىرى)، "Marine life" (دېڭىز ھايۋانلىرى)؛

ئىنگلىزچە
Microplastics
تۈركچە
Mikroplastikler
خەنزۇچە
微塑料

لۇغەتنى كۆرۈش