لۇكسېمبۇرگ

مەنىسى

لۇكسېمبۇرگ غەربىي ياۋروپادا جايلاشقان كىچىك دەۋلەت، دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دەۋلەتلەرنىڭ بىرى. پايتەختى ۋە ئەڭ چوڭ شەھەرى لۇكسېمبۇرگ شەھەرى (Luxembourg City)، تارىخىي قەلئەسى دۇنيا مىراسى. بېلگىيە، گېرمانىيە ۋە فرانسىيە بىلەن چېگراداش. ئۈچ رەسمىي تىلى بار: لۇكسېمبۇرگچە، فرانسۇزچە ۋە گېرمانچە. كۆپچىلىك خەلقى كاتولىك دىنىغا ئىشىنىدۇ. كونستىتۇتسىيە شاھانە پارلامېنت سىستېماسى، چوڭ گېرتسوگلۇق (Grand Duchy) - دۇنيادىكى يەككە-يالغۇز چوڭ گېرتسوگلۇق. كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ئىقتىساد دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇنلاردا. بانكا-مالىيە مەركىزى، پولات سانائەتى بىلەن مەشھۇر. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشچى ئەزالىرىنىڭ بىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرىنىڭ بىر قىسمى لۇكسېمبۇرگتا جايلاشقان. ياۋروپا ئىتتىپاقى، ناتو، شېنگېن زونىسى ۋە ياۋرو زونىسىنىڭ ئەزاسى.دەۋلەت بايرامى: 6-ئاينىڭ 23-كۈنى (چوڭ گېرتسوگنىڭ رەسمىي تۇغۇلغان كۈنى)؛

ئىنگلىزچە
Luxembourg
تۈركچە
Lüksemburg
خەنزۇچە
卢森堡

لۇغەتنى كۆرۈش