كېچە
مەنىسى
كالېندار ھېسابىدا قۇياش ئولتۇرغاندىن باشلاپ تاڭ ئېتىپ قۇياش كۆتۈرۈلگەنگە قەدەر بولغان ۋاقىت. بىر كېچە 12 سائەت بولىدۇ. ئەنئەنىۋى ۋاقىت ھېسابلاش ئۇسۇلىدا بىر كېچە) تۆۋەندىكىدەك بەش ۋاقىتقا بۆلۈنىدۇ. (1)زاۋال (چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تىن 9 غىچە بولغان ۋاقىت / (2) ئەلياتقۇ (كېچە سائەت 9 دىن 11 گىچە بولغان ۋاقىت) / (3) تۈن نىسپى (كېچە سائەت 11 دىن 1 گىچە بولغان ۋاقىت) / (4) باش توخۇ (سائەت 1 دىن 3 كىچە بولغان ۋاقىت) / (5) سۈبھى (كېچەنىڭ ئاخىرقى بۆلەكى بولۇپ، سائەت3 تىن 5 كىچە بولغان ۋاقىت)؛
- ئىنگلىزچە
- Night
- تۈركچە
- gece
- خەنزۇچە
- 晚上