كوۋادىرات مېتىر

مەنىسى

كوۋادىرات مېتىر--(سىمۋولى: m²) يۈز-مەيدان ئۆلچەيدىغان ئۇلۇسلارئارالىق بىرلىك سىستېماسىدىكى (SI) ئاساسلىق ئۆلچەم بىرلىكىدۇر. ئۇ تۆت تەرەپى 1 مېتىردىن بولغان كوۋادىرات شەكىلنىڭ يۈزا-مەيدانىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئۆلچەم بىرلىكى ئاساسەن ئۆي كەڭلىكى، يەر-زېمىن مەيدانى، دىۋار يۈزى، باغ-ئېتىز، بىنا مەيدانى قاتارلىقلارنى ئۆلچەشتە كەڭ قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن، بىر ئۆينىڭ مەيدانى 100 كوۋادىرات مېتىر دېيىلسە، بۇ ئۆينىڭ پولىنىڭ يۇزا-كەڭلىكىنىڭ 100m² ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ھېسابلاشتا ئۇزۇنلۇق × كەڭلىك فورمۇلىسى ئىشلىتىلىدۇ. كوۋادىرات مېتىر: ئۇزۇنلۇق × كەڭلىك (مەسىلەن: 5m × 4m = 20m²)؛

ئىنگلىزچە
Square meter
تۈركچە
Kare metre
خەنزۇچە
平方米

مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر

لۇغەتنى كۆرۈش