قىرغىزىستان
مەنىسى
قىرغىزىستان ئورتا ئاسىيادا جايلاشقان دەۋلەت، دېڭىزغا چىقىش يولى يوق. پايتەختى بىشكەك (Bishkek). قازاقىستان، شەرقىي تۈركىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان بىلەن چېگراداش. رەسمىي تىللىرى قىرغىزچە ۋە روسچە، قىرغىزچە تۈرك تىل ئائىلەسىگە تەۋە. كۆپچىلىك خەلقى ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدۇ. تاغلىق رايون بولۇپ، تەڭرىتاغ ۋە پامىر-ئالاي تاغ تىزمىلىرى دەۋلەتنى قاپلىغان، "ئورتا ئاسىيانىڭ شۋېتسارىيەسى" دەپ ئاتىلىدۇ. ئىسسىقكۆل كۆلى دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ تاغ كۆلى. 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى تارقالغاندىن كېيىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن. كۆچمەن مەدەنىيەتى ۋە "ماناس" ئېپوسى بىلەن مەشھۇر. دەۋلەت بايرامى: 1991-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى (سوۋېت ئىتتىپاقىدىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن كۈن)؛
- ئىنگلىزچە
- Kyrgyzstan
- تۈركچە
- Kırgızistan
- خەنزۇچە
- 吉尔吉斯斯坦