قومۇش / شېكەر قومۇش

مەنىسى

قومۇش (شېكەر قومۇشى)-- ئىسسىق رايونلاردا يېتىلىدىغان، ئۇزۇن ۋە يوغان پوقاللىق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ پوقاللىرى ئىچىدە كۆپ مىقداردا شېرىن شەربەت بار. ئېگىزلىكى 2-6 مېتىرغىچە يېتىدۇ، پوقاللىرى سېرىق-يېشىل ياكى سۆسۈن رەڭلىك، تۈگۈنلۈك بولۇپ، ھەر تۈگۈن ئارىلىقى 10-20 سانتىمېتىر؛ ئىشلىتىلىشى: شېكەر ياساشنىڭ ئاساسلىق خاماللىقى، شەربەتىنى بېۋاسىتە ئىچكىلى بولىدۇ، بەزى جايلاردا ئۇنىڭدىن سىركە ۋە ھاراق ياسايدۇ،قومۇش پوستىدىن قەغەز ۋە يېقىلغۇ ياسىغىلى بولىدۇ؛ قومۇش ئاساسەن جەنۇبىي ئامېرىكا، ھىندىستان، جەنۇبىي شەرقىي ئاسىيا ۋە خىتتاي جەنۇبىدا كۆپ يېتىشتۈرۈلىدۇ؛

چاغاتايچە
نەيشەكەر
ئىنگلىزچە
Sugarcane
تۈركچە
Şeker kamışı
خەنزۇچە
甘蔗

مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر

لۇغەتنى كۆرۈش