قاپلان

مەنىسى

قاپلان-- (Acinonyx jubatus) يىرتقۇچ ھايۋان بولۇپ، Felidae (مۈشۈكلەر) ئائىلەسىگە تەۋە. قاپلان يەر يۈزىدىكى ئەڭ تېز قۇرۇقلۇق ھايۋانى سۈپەتىدە داڭلىق بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سائىتىگە 100 كىلومېتىردىن ئارتۇق سۈرئەتتە يۈگۈرەلەيدۇ. ئۇنىڭ بەدىنى نېپىز، ئاياغلىرى ئۇزۇن، رەڭگى سېرىق بولۇپ، قارا داغلار بىلەن تولغان بولىدۇ. ئافرىقا ۋە ئاسىيانىڭ بەزى جايلىرىدا ياشايدۇ ۋە كۆپىنچە غىزال(كىيىك) قاتارلىق ھايۋانلارنى ئوۋلايدۇ. ئۇلارنىڭ يۈزىدىكى "كۆز ياش" شەكلىدەكى قارا سىزىقلار ئۆزگەچە ئالاھىدىلىكى بۇلۇپ،باشقا تەڭگە گۈللۈك ھايۋانلاردىن پەرقىلىنىدۇ؛ "Cheetah" سۆزى ھىندى تىلىدىكى chita (داغلىق) سۆزىدىن كەلگەن؛ ھايۋانات تۈرى؛

چاغاتايچە
قەفلان
ئىنگلىزچە
Cheetah
تۈركچە
Çita
خەنزۇچە
猎豹

لۇغەتنى كۆرۈش